كورىيەلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خىېتى
كورىيەلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خىېتى
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر يىگىتى «تايانچىم بار » ياخشىمۇسىز!
شۇنداق قىلىپ قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق سىزگە بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . ئۆزىڭىز بىلىسىز، مەن ئۆزۈم كورىيىدە تۇغۇلۇپ ،كورىيىدە ئۆسكەن ساپ كورىيان قىزىمەن . كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى جەڭگىۋار تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىققانلىقىم تۈپەيلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پصسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىش يولىنى تاللىۋالغانمەن . ھازىرقى تىل سەۋىيەيىمدىن قارىغاندا ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەيىم يامان ئەمەس . مىللىتىڭىزلارنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى بىلەنمۇ تونۇشتۇم ، پىكىرلەشتىم . لېكىن چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتقان بىر مەسىلە بار . مەن بۈگۈن مەخسۇس شۇ مەسىلە توغرىسىدا توختالماقچىمەن. بۇ باشقا مەسلە ئەمەس ، بەلكى سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىنىڭ خاراكتېر قىزىققانلىق مەسىلىسى. شۇنداقلا قىزىققان نەرسىسىگە چوڭقۇر ئويلانماستىنلا پۈتۈنلەي ئۆزىنى بىغىشلاپلصۋېتىش مەسىلىسى. بۇ ئەھۋال كۈندىلىك پارچە-پۇرات ئىشلاردىلا ئەمەس ، بەلكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ گەۋدىلىك كۆرىلىدىكەن ھەم كۆرۈلىۋېتىپتۇ .
مۇشۇ يېقىنقى 30 يىللىق تارىخىڭلارنىلا ۋاراقلاپ باقسام ، بىرچاغلاردا بىر قىسىم قىزلىرىڭلار ھىندىستان ، پاكىستان كىنولىرىنى كۆرىۋېرىپ، ھىندى ، ئوردۇ يىگىتلىرىگە مەستانە بولۇشۇپ ، ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى ياتاق ئۆيلىرىگە چاپلاپ ياكى پۇل قاپچۇقلىرىغا سېلىۋېلىپ غايىبانە سىردىشىپ يۈرۈپتۇ . ھەتتا ھېلىقى شاھرۇلخان نامى بىلەن تونۇلغان ئارتىست يىگىتكە سۆيگۈ خېتى يېزىپ ، جاۋاب كەلمىسە دۈم يېتىپ يىغلىغانلىرىمۇ بار ئىكەن تېخى. ھىندى ، ئوردۇ يىگىتلىرىنىڭ قىزغىنلىقى سەل پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن بۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلاردا بىردىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قىزغىنلىقى قوزغىلىپتۇ . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم كېلىشكەن ناخشىچىلىرى ھاۋايى-ھەۋەس ئوتىدا كۆيگۈچى بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ روھىي سىردىشىغا ئايلىنىپتۇ . شاھزات ، تاركان دەيدىغان ئىسىملار قىزلىرىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇغ-تۇغقان ، قېرىنداشلىرىنىڭ نامىدىنمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بولۇپتۇ . ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىڭلاردا « شاھزات ئۈرۈمچىگە ئويۇن قويغىلى كەلگەندە بىر قىسىم قىزلار ئۇنى قۇچاقلاش ، سۆيۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلەۋېرىپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ . يەنە تېخى كەچلىكى ياتىدىغان ياتىقى ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ ، ئاراممۇ ئالغۇزماي بەكلا بىزار قىلىۋېتىپتۇ» دەيدىغان گەپلەر چىقىپتۇ . بۇ ئىشلار قەلىمى ئۆتكۈر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قامچىلانغاندىن كېيىن بىر پەس جىمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ماھارەت تەنتەربىيىسىنىڭ شاھى بولغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ تېلىۋىزۇرلار ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى بىلەن بۇ قىزلىرىڭلاردا يەنە ياۋرۇپا ( بۇ يەردىكى ياۋرۇپا ماكان ئۇقۇمىنى بىلدۈرمەيدۇ ) قىزغىنلىقى قوزغىلىپتۇ.
پۇتبول مەيدانىدىكى تەلۋە يىگىتلەر بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ سۆيگۈ مەبۇدىسىغا ئايلىنىپتۇ . پۇتبولچى يېگىتلەرنىڭ ئىسمى چېقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىلغان پېتى ، ئەتكىنى ئەتكەن پېتى قىلىپ قالىدىغان بولۇپتۇ . ئاتا_ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم قىزلار بىكخام ، رونالدۇ، زىدانى قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمھالىنى قەۋىم-قېرىنداشلىرىغىچە ئەينى تەرجىمىھالى بىلەن يادلاپ بېرەلەيدىغان بولۇپتۇ . 21 – ئەسىردىكى قولايلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولغان ئىنتېرنېتنىڭ ياردىمى بىلەن ھەتتا بىر قىسمى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ زىرىككەندىكى تور ئاشىنىسىغا ئايلىنىپتۇ . بۇ ئىشلارغا ھەيرانە-ھەس بولۇپ ئۈلگۈرگىچە ، ئەمدىلەتىن ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم قىز سىتۇدىنىتلارنى ئاساس قىلىپ كورىيە قىزغىنلىقى قوزغىلىشقا باشلاپتۇ . ھەتتا بىر قىسىم قىز سىتۇدىنىتلىرىڭلار بىزنىڭ كورىيەلىك ئارتىست يېگىتلەرگە توي قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ . ھەتتا بەزىلىرى ئارتىسىتلىرىمىزدىن ھالقىپ ، كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنگەن ھەرقانداق بىر كورىيلىك يىگىتكە يېپىشىۋالدىغان بولۇپ قاپتۇ . شۇ سىتۇدنىت قىزلىرىڭلار خەت يازغان بىر قىسىم ئارتىسىتلىرىمىز ئاللىقاچان بالىلىق بولۇپ بولغان ، تۇرمۇشى بار ئەرلەر ئىدى . شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى تونۇيدىغان بىرسىنىڭ ئايالى ماڭا : « سىڭلىم ، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلغاچ ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولىۋاتىسىز . ئۇلارنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ . يولدىشىمغا ئۇلارنىڭ يەڭگىل ھېسسىياتى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىم كېرەك . شۇنداقلا ھەم بىزگە خاتىرجەم ئائىلە كېرەك . شۇڭا مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نەسىھەت قىلىپ قويسىڭىز، – دەپ كەتتى قايناپ بوغۇلۇپ.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ راستىنلا ھەيرانلىقىمنى ئىچىمگە يوشۇرالماي قىلىۋاتىمەن . سىلەر باشقىلارنى سۆيۈندۈرگۈدەك ئېسىل مىجەزلىك ، ئۆزگىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك ئەدەب-ئەخلاقلىق بىر مىللەت ئىدىڭلارغۇ ؟
سىلەردىن چىققان تۇمارىس ، ئىپارخان ، مايسىخان ، نۇزۇگۇم ، ئايخان ئانا ، رىزۋانگۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق تارىخلارنى ياراتقان ئىدىغۇ ؟
ھازىرمۇ ئىچىڭلاردا ئەدەب-ئەخلاق ئۇستازى بولغۇدەك نى-نى ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەم ئۇيغۇر قىزلىرى بارغۇ؟ « مېھرىبان ئانىلار » نامى بىلەن ئاتالغان ئاشۇ ئانىلار سىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىڭلارغىلا ئەمەس ، باشقا مىللەت ئانىلىرىغىمۇ ئۈلگە بولغۇدەك داستانلارنى يېزىپ بېرىۋاتىدىغۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر يىگىتلىرىڭلارمۇ « مەن-مەن » دېگەن قەۋىم قىزلىرىنى ئۆزىگە قارىتالىغۇدەك دەرىجىدە بەستلىك ، كېلىشكەن شۇنداقلا يۈرىكىدە ۋەتەن ، مىللەت ئوتى كۆيۈپ تۇرغان ۋىجدانلىق يېگىتلەردىغۇ ؟
ئۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنى مۇشۇنداق ئېسىل سۈپەت يىگىتلەرنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ تاۋىقىنى يالاشقا زادى نېمە مەجبۇر قىلدى ؟ سىلەرنىڭ شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارغا زادى كىمنىڭ كۆزى تەگدى؟
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى
يازما ھوقۇقى: LUE
يازما ئادىرىسى: كورىيەلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خىېتى