" ...كىچىك بالىلار ئوينايدۇ يەي تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،
غېرب باللا يىغلايدۇ يەي ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ...
تاغلاردىن ئورۇن ئالدۇق، باغلاردىن ئورۇن تەگمەي...
ئۆز يۇرتلاردىن ئايرىلدۇق...دۈشمەنگە بويۇن ئەگمەي..."
.... ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىشىنىمەنكى كۆزىڭىزگە كەلگەن ياشلىرىڭىزنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن توختتالمايسىز. ئەلۋەتتە شۇ دەقىقىدە ھەر قانداق بىر چەتئەللىك ئالدىراش مېڭىۋاتقان قەدىمىنى توختىتىپ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن "بۇ قايسى دۆلەتنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ مۇزىكىسى؟" دېگەندەك سوئاللارنى سورىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئالقىشلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەي سىز بىلەن خوشلاشمايدۇ. دېمەك مەدەنىيەتلەشكەن ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان غەرب ئەللىرى ئۇچۇن سەنئەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەقىقەتەنمۇ مۆلچەرلىگۇسىزدۇر.
مېنىڭ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە بۇ خەۋەرنى يېزىپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشۈمگە تۇرۇتكە بولغان مۇھىم سەۋپلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلىغان سەنئەت كونسېرتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەنگلىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان "The Independent" (مۇستەقىللىق گېزىتى) دە 7-فېۋرال كۈنى بېسىلغان بىر پارچە خەۋىرىدۇر.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ كەسپىي يېتەكچىسى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئىلمى دوكتورى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا تەتقىقاتچىسى رەيچېل ھاررىسنى زىيارەت قىلدىم. مەن دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمدىن ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق قىلغانلىقى، دۇتار چېلىشنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى ۋە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەن 1991-يىلى بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قەشقەرگە باردىم ۋە ئۇيەردە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر دۇتار، راۋاب مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ماڭا غەيرىي ئاڭلانغان ئىدى ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى مېنىڭ يۈرىكىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. مەن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن 1999- يىلىدىن باشلاپ ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يېتەرلىك تالانت ئىگىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىمدىن كوپ مەمنۇنمەن. ھەم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىشتا ناھايىتى قىزغىن بولغاچقا بىز ئاخىرى بۇ ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى غۇلجا خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلايمىز. ئارتىسلىرىمىزدىن تەمبۇر چالىدىغان مۇزىكانتىمىز قىرغىزىستاندىن، ناخشىچىمىز بولسا غۇلجىدىن. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى ئورۇندىشى كۆپ مەنىگە ئىگە ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى رايون خاراكتېرلىك پەرقلىرى ۋە ئوخشاشلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئوخشاشلىقىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. مەن ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. مەن ئويلايمەن بۇ ئۇيغۇر ئانسامبىلىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى ئەلۋەتتە ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن كۆپ پايدىسى بار. بىز بۇ يىل يازلىققا مەشرەپ ئوينايمىز. بىز بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بېرىچە ئەنگلىيىدە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ پائالىيەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئىنگلىزلارغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ، مۇزىكىسىنىڭ برىتانىيە جەمئىيىتىگە ياخشى تونۇلۇشىنى، ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى ئومۇت قىلىمەن".
يەنە رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۇ 2006- يىلى 3- ئاينىڭ 24 -كۈنى كەمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشقا تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا نورۇز بايرىمى پائالىيىتىگە يېرىم سائەت ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئورۇنداشقا، ھەم لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "لوندون 2006- يىللىق پاناھلانغۇچىلار بايرىمى" غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىپتۇ.
مەن ئاخىرىدا دوكتۇر رەيچېل ھاررىس خانىمغا مىننەتدارلىقىمنى ئېيتىپ ۋە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تىلەپ سۆھبىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇم.
بايانلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەت مەملىكەتلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ ھورنسېي ئاتاتۈرۇك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن "3-نۆۋەتلىك تۈرك مەدەنىيەت-سەنىئەت فېستىۋالى" دا تىياتىرخانا تېمىغا ئېسىلغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇ بىر كەلىمە سۆزىنى ھەدىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
"ئۆز سەنئىتىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ بىر ھايات تۇمۇرى كەمدۇر"
ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت! (تۈگىدى)
ئۇيغۇر ئەزىزى يازدى.
بۇ ماقالە 2006- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىيىتىنىڭ تور بېتىگە يېزىلغان ۋە شۇ مەنبە ئاساسىدا بۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى.