تۆۋەندە، لوندوندىكى بۇ ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئانسامبىل قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا
ئانسامبىلنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، يەنى قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا تارىم دەريا ۋادىسىدىكى شاياردا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ ، ئۇ 2001 - يىلىدىن باشلاپ لوندوندا ياشاپ كەلمەكتە ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ بارلىق پاالىيەتلىرىنى ھەمدە تەشۋىقات ۋە ئىنتېرنېت تور بېتىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسۇل بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئەنگلىيىدىكى لوندون ۋە باشقا شەھەرلەردە تۈرلۈك ئىجتىماىي پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى سەھنىدە كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىجتىماىي ھاياتىنى بېيىتىشقا بەلگىلىك رول ئويناپ نورۇز ، ھېيت بايرام كۈنلىرىنى جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
ئانسامبىل بۇلبۇلى- رەھىمە
ئانسامبىل ناخشىچىسى رەھىمە مەھمۇت؛- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كېيىن ئەنگلىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، رەھىمە گەرچە ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە كەسپى تەربىيە ئالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما سەنئەتخۇمار ئاىلىسىدىكى تەبىي كەيپىيات ھەمدە دۇتارچى ئاكىسىنىڭ تەسىرىدە ۋە يەنە ئىلى مەشرەپلىرىدىن ئىبارەت تەبئىي سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە سالغان سەنئەت ئۇرۇقلىرىنىڭ بىخ ئېتىشى بىلەن ئۇ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى مۇڭ بىلەن ئورۇنلاپ ، چىرايلىق ئۇسۇلمۇ ئوينىيالايدىغان سەنئەت تالانتىغا ئىگە بولۇپ يېتىلگەن ئىكەن. ئەنگلىيىدە مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سەنئەت بىخلىرىنى كۆرسەتتى .ھەتتا يېقىندا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى سازەندىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدا ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئالبومى روياپقا چىقتى.
كۆپكە ماھىر سازەندە- نىزامىدىن
مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ ئاساسلىق سازەندىسى نىزامىدىن سەمەتوف قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ ،ئەنگلىيىگە كېلىشتىن ئىلگىرى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلق سازەندىلىرىدىن نۇرغۇن ساز ھەم ناخشىلارنى ئۆگەنگەن. ئۇ دۇتار ، تەمبۈر، داپ، گىتار قاتارلىق كۆپ خىل سازلارنى ماھارەت بىلەن چېلىپ ئەنگلىيىلىك تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرۇدۇ.
غېجەككە ئىشتىياق باغلىغان-سىتېفىن جونېس
بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا ئۆزى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئەنگلىيىلىك مۇزىكانتلارمۇ بار ، ئۇلارنىڭ بىرى سىتىفېن جونېس ئەپەندى ، ئۇ كەسپى ئىسكىرىپكا چالغۇچىسى ، ئۇ ئىلگىرى خىتاي مۇزىكىلىرىنى چېلىشنى ئۆگەنگەن ئىكەن. كېيىن ئۇ ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن غىجەكنى چېلىشنى ھەمدە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئۆگەنگەن. ھازىر ئۇ بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىكى ئۇستا غېجەكچى.
چىمەن دوپپىلىق دۇتارچى-رەيچېل
رەيچېل ھاررس خانىمغا كەلسەك ، بۇ ئەنگلىيىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ناخشا ؛-مۇزىكىلىرىغا ئالاھىدە قىزىققاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە بىر نەچچە قېتىم بېرىپ ، ھەتتا ئۇزۇن تۇرۇپ زىيارەت قىلىش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق دۇتار بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرى ھەتتا مۇقاملارنى چالالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇ چىمەن دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ دۇتارنى قولىغا ئالغاندا، ئۇيغۇر سازەندىلىرىدىن ھېچ قېلىشمايدۇ.
ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىدىن ھەممە تەڭ بەھرىمان بولسۇن
مانا بۇ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن يىغىلىپ تەشكىللەنگەن سەنئەتكارلار، ئۇلارنىڭ سەھنىدە بىرلىكتە كۆرسەتكەن ماھارەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيۇشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرى كۈچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز، ئۇلار ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆزلىرى ھوزۇرلىنىپلا قالماي ، بۇ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىرىدىن ئەنگلىيىدە ھەتتا دۇنيادا يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھرىنى ئالغۇزۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. مەزكۈر ئانسامبىل يەنە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نامىدا، ئېنگىلىز تىلىدا مەخسۇس ئۇنىۋېرىسال بىر تور بەت تەسىس قىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنىئتى، ئۆرۈپ-ئادەت ھەمدە تارىخلىرى تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن ماتېرىياللار قويۇلغان. مەزكۈر تور بەتنىڭ سەھىپىلىرىدىن ھەتتا ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر سەنەتكارلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ھەر قانداق تىپتىكى ناخشا-مۇزىكىلارنى تېپىپ ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ.
2007 Radio Free Asia© (گۈلچېھرە) 2008-07-17
خەۋەر مەنبەسى:
Londondiki uyghur xelq naxsha - muzika etriti >>
لوندوندىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشا - مۇزىكا ئەترىتى >>
Londondiki uyghur xelq naxsha - muzika etriti - cyrillic >>