London Uyghur Ensemble
| باشبەت | ئاناسامبىل | كونسېرت | خەۋەر | رەسىم | مۇزىكا | يېڭى-تېمىلار | ئالاقە | مېھمان-دەپتىرى | مۇنبەر | باشقا-بەتلەر | ئۇلانما|       Uyghurche  • Englische •
 لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى
  ئانسامبىل باشقا سەھىپىللىرى
    
       Bookmark and Share
qaytish

راۋاپ ئۇستازى داۋۇت ئاۋۇت ۋاپات بولدى



ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى دۇنيا سەھنىلىرىدە ياڭرىتىپ جاھان ئەھلىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغان سەنئەتكار ، كامالەتكە يەتكەن راۋاپ ئۇستازى، راۋاپ شاھى _ داۋۇت ئاۋۇت ئەپەندى 2007- يىلى 11- ئاينىڭ 17-كۈنى ( شەنبە ) چۈشتە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى .

مەرھۇم سەنئەتكار ۋە راۋاپ شاھى داۋۇت ئاۋۇت ئۆز ھاياتىدا "مېنىڭ راۋابىم" ، "تاشۋاي" قاتارلىق ئۆلمەس مۇزىكا ئەسەرلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان . مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش ھېساپلىنىدۇ . ﺑﯩﺰ مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ۋە بارلىق ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز . مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى 2007- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى ( يەكشەنبە ) چۈشتە ئۈرۈمچى كونسۇل كوچىسى دوقمۇشىدىكى نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرىلىدۇ .

[ خەۋەر مەنبەسى : دىيارىم تورى  www.diyarim.com]





Merhum Dawut Rawapning orunlishida:  Yaru

Rachel Harris terpidin 2001- yili 7- ayda Urumchide singe elinghan









نەشىر ھوقوقى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا تەۋە.

2007  London Uyghur Ensemble  (LUE).  All rights reserved. © Copyright

         E_mail: web@uyghurensemble.co.uk . Web designed & administrated by Aziz Isa .Last updated April 2009

زىيارەتچىلەر سانى: