لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوندا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىۋى باپ ناخشا - مۇزىكىللىرىنى ئورۇنلايدىغان سەنئەت گۇرۇپىسى بولۇپ، ئانسامبىلىمىزنىڭ ھازىرقى ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن، قىرغىزىستاندىن ۋە بىرقانچە ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان ئەنگلىيەلىك ئېنگىلىس مۇزىىكا ھەۋەسكارلاردىن تەشكىل تاپقان. ئانسامبىلىمىزنىڭ ئورۇنلايدىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ئاساسلىغى ئۇيغۇر مۇزىكا تىڭشاق ئاھاڭلىرى، ئىجادىي ۋە خەلق ئاھاڭلار بۇلۇپمۇ ئىلى خەلق ناخشا - مۇزىكىللىرى ھەم ئەنئەنىۋي "ئۇيغۇر 12 مۇقامى" نى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانسامبىلىمىز 2004 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز سەنئەت پروگراممىلىرىمىزنى تەييارلاپ چىقىش، ئانسامبىلىمىزنىڭ كەسپى ۋە تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن جاپالىق ئىشلىدۇق. ئانسامبىلىمىز مۇزىكانتلرىنىڭ بەزىللىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەنگلىيەگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن كەلگەن بۇلۇپ، بىز ئوزىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىللىرىنى لوندوندا ئاممىۋى شەكىلدە كورسىتشنى "لوندون 2005- يىلىق مۇساپىرلار بايرىمى" دىن باشلىدۇق. ئانسامبىلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەرگەن كونسېرتلىرى توۋەندىكىچە:
1. 2005- يىلى نويابىردا لوندون ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاسىيا - ئافرىكا ئىنىستىتۇتى
تەرپىدىن تەشكىللەنگەن "تۇرۇك تىلىدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا
فېستىۋالى" دا ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسەتتى.
2. 2006- يىلى مارت ئېيىدا كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتتى تەرپىدىن تەشكىللەنگەن "نوۋرۇز"
بايرىمىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئۇرۇندىدى.
3. 2007- يىلى ماي ئېيىدا لوندوندا ئوتكۇزۇلگە "باھارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە
تۇركىيە مۇزىكىسى بىلەن كۇتۇۋېلىش" سەنئەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن سەنئەت
نومۇرلىرىنى كورسەتتى.
4. لوندوننىڭ كەمدىن رايونلۇق يەرلىك
ھوكۇمتى تەرپىدىن بۇ يىل 6- ئاينىڭ 22 كۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان
"2007- يىللىق مۇساپىرلار ھەپتىلىگى"
پائالىيىتىدە ئاناسمبىلىمىز ئۇيغۇر سەنتىدىن نومۇرۇرلار كورسەتتى.
5. ئانسامبىلىمىز 2007- يىلى ئوكتەبىرنىڭ 13- كۇنى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ پايتەختى دۇبلىن شەھىرىدە دۇبلىن ئىنستىتۇتى تەرپىدىن ئوتكۇزۇلگەن "12- نوۋەتلىك خەلقئارالىق خىتاي ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا مۇزىكا ئىلمى يىغىنى" دا ئۇيغۇر خەلق ناخش-مۇزىكىللىرىدىن ئويۇن كورسەتتى.
6. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008- يىلى 11 ئاپرىل كۇنى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان St Ethelburgas' "تېنىچلىق ۋە يارشىش" مەركىزىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كورسەتتى.
7. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008- يىلى 12- ئىيۇل كۇنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا لوندون شەھەرلىك ھوكۇمەت، لوندون سەنئەت ھەمكارلىق شىركىتى ۋە لوندون پادىشاھلىق باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان "لوندون 2008- يىللىق مۇھاجىرەتتىكى مىللەتلەر سەنئەت فېستىۋالى" (“Diaspora London Music Village 2008") غا قاتنىشگىپ، 45 مىنۇت ئۇيغۇر ناخشا-مۇسىكا ۋە ئۇسۇلىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسەتتى.
8. ئانسامبىلىمىز يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبىغا جايلاشقان دەۋون، سىدموۇتھ شەھرى تەرپىدىن 2008 - يىلى 7-ئاۇغۇست كۇنى ئوتكۇزۇلىدىغان "2008- يىللىق سىدموۇتھ خەلق مۇزىكا بايرىمى" (Sidmouth Folk Festiwal) غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە گۇزەل سەنئەتىنى فېستىۋال تاماشىبىنلارغا تونۇتتى.
ئانسامبىلىمىز كېلىۋاتقان يېڭى يىل- 2009- يىلىغا قارىتا (London Islington Folk Club) لوندون ئىسلىڭتون فولك كلۇبى 1- ئاينىڭ 29-كۇنى ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىدىن كونسېرت بېرىشكە تكلىپ قىلدى. لوندون ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاسىيا - ئافرىقا ئىنىستىتۇتى 2- ئاينىڭ 17- كۇنى SOAS Brunei Gallery دا ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسىتىشكە تەكلىپ قىلىندى.
ئانسامبىلىمىز ئورۇنلايدىغان كونسېرتلارنىڭ تەپسىلاتىنى توۋەندىكى بەتتىن كورۇڭ:
ئانسامبىلىمىز ئورۇنلايدىغان كونسېرتلارنىڭ تەپسىلاتىنى توۋەندىكى بەتتىن كورۇڭ >>
ئانسامبىلىمىز يەنە لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى يىغىلىش - پائالىيەتلىرىدە سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسۇتۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيە خەلقىگە كەڭ دائىرىدە تۇنۇشتۇرۇش ئانسامبىلىمىزنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر.